ئالېكس ۋوڭ: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى خىتايغا قارىتا بىر چوڭ ئاگاھلاندۇرۇشتۇر»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكس ۋوڭ، دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان يىغىنىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» نامىدىكى پىلانى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

«ئىچكى تىجارەتچى ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالېكس ۋوڭ سۆزىدە خىتاينى ھېچ تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان ۋە مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنى ھەق-ھوقۇقلىرىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئالېكس ۋوڭ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا دېڭىز ۋە ھاۋا يولى تىجارىتىنىڭ 50 پىرسەنتى ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىدە، جۈملىدىن جەنۇبى خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىدە داۋام قىلىدۇ. شۇڭا دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرى مەزكۇر رايوننىڭ جان تومۇرى، بۇ تومۇر ئوچۇق ۋە ئەركىن بولۇشى كېرەك.»

ئالېكس ۋوڭ يەنە تەۋەلىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ۋە بېسىمدىن خالى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە ۋە تېررىتورىيە تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشارەت قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالېكىس ۋوڭ يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى خاتا قوللىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ئۇلارنى بېقىندۇرۇش ياكى بويۇن ئەگدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئالېكس ۋوڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھىندىستانغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە ھىندىستاننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئارقىلىق ئوچۇق ۋە ئەركىن خەلقئارا سودىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنى ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى، شىمالى كورېيە مەسىلىسىدىكى تەرەققىيات، خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان چېگرا بېجى قويۇش تەدبىرى ۋە ئىككى يىلدىن بۇيان تىنچ ئوكياندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى قاتارلىق پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت