ئامېرىكا خىتاينىڭ تەسىرىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغان لوبىتو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان
2024.12.04
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 4-دېكابىر چارشەنبە كۈنى، ئانگولانىڭ لوبىتو پورتىدا ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا، كونگو ۋە زامبىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك مىنېرال ماددىلارنى لوبىتو پورتى ئارقىلىق غەربكە يەتكۈزىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى مەلۇم.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاي كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كانچىلىق ساھەسىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كانلار باتارېيە ۋە باشقا سانائەت زاپچاسلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان مىنېرال ماددىلارنى ئېكسپورت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا بۇ مىنېرال ماددىلارنى غەربكە توشۇيدىغان لوبىتو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن 550 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ ئانگولادىكى بار بولغان تۆمۈر يولنى يېڭىلاش ۋە ئۇنى بىرىنچى باسقۇچنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كونگونىڭ كان مەركىزىگە كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ كونگونىڭ مىس ۋە كوبالت زاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنى كونترول قىلىشى ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، لوبىتو ئاتلانتىك ئوكيان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 2022-يىلى غەرب شىركەتلىرى بىرلەشمىسىگە بېرىلىشى، خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى بىر غەلىبە، دەپ قارالغان.
ئاقساراينىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن كونگو پىرېزىدېنتى فېلىكس تشېكېدى ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەدىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە لوبىتو تۈرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. بۇ تۈرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا لوبىتو كارىدورى تۆمۈر يولىنى زامبىيەدىن ئۇزارتىپ، تانزانىيەنىڭ ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان دارۇسسالام پورتىغا تۇتاشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان.