دونالد ترامپ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد پېردۇنى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە كۆرسەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.12.06

كېلەر ئاي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە «فورتۇن 500» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى داۋىد پېردۇ (David Perdue) نى كۆرسەتكەن.

NBC خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دونالد ترامپ بۇ قارارىنى جاكارلىغاندا «داۋىد پېردۇنىڭ 40 يىللىق خەلقئارالىق سودا ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىزمەت قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، داۋىد پېردۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا خىتاي، سىنگاپور، خوڭكوڭ ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىشلىگەنىكەن.

ترامپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ مېنىڭ رايون تىنچلىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەمنى يولغا قويۇشتا ھەم شۇنداقلا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ».

2025-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان دونالد ترامپ ۋەزىپىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن خىتاي ماللىرىغا %60 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى دەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يېڭى كابىنېتىغا قويغان مۇھىم كىشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولغاچقا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد پېردۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىيلىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.