ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە بازىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.09.05


خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستېمالچىلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى 9:30 ئېلان قىلىدىغانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە ئامېرىكا CNBC خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەچىسى جون كانالي خىتاينىڭ بازار ئەھۋالىنىڭ بىردىنلا ياخشى بولۇپ كېتىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: كېلەر ھەپتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات چىقىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ھېچكىم بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دېگەندەك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلىشىدۇ. مەن خىتاينىڭ بۇ پاتقاقتىن قانداق چىقىپ كېتەلىشىنى بىلەلمىدىم.

خەۋەردە باشقا ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلسە بۇ خەلقئارا بازارغا سەلبىي تەسىر بېرىدىكەن.

بۇ ھەپتە خىتاي پايچەك بازىرى يەنە تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭدىن بىلەن بۇ يىل ئىيۇلدىن بۇيانقى تۆۋەنلەش نىسبىتى 40 پىرسەنتكە يەتكەن ئىدى. خىتاينىڭ پايچەك بازىرى 4 كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ. ھالبۇكى، بازار ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا بىر سوئالدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.