ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكى ئەمەلدارلىرى سودا مۇقىملىقى ئۈستىدە سۆزلەشمەكچى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.12.12

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا خىتاي تەرەپ بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بۇ ھەپتە ئاخىرىدا خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىنى تاماملايدىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلىرى بولسا خىتاي تەرەپ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇچرىشىدىكەن ۋە ئۇ يەردە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە 2023-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئۇچرىشىش، بايدىن ھۆكۈمىتى كېلەر ئايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشى ۋە ھەمدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللىشىدەك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت سىياسىتى ۋە قەرزنى يېنىكلىتىش قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغانلىقى، پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.