ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇس ئالماشتۇرغان
2024.11.29
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن دىپلوماتىك سۈركىلىشلىرىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغان. نەتىجىدە، ئامېرىكا 3 خىتاي مەھبۇسنى خىتايغا، خىتاي 3 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئامېرىكاغا قايتۇرغان. شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ئادەملەرنى خاتا ھالدا تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۆزئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا پېرۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» دا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. ئامېرىكا 3 خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەندىن باشقا، يەنە خىتايغا قاراتقان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى باياناتچىسى بۇ 3 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن خاتا ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، پات يېقىندا ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكادىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان 3 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ بىرى 2016-يىل جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ھاررىسون لى؛ يەنە بىرى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ 12 يىل تۈرمىدە ياتقان، 2019-يىل ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان مارك سىۋىدان؛ ئۈچىنچىسى بولسا 2023-يىل ئامېرىكا جاسۇسى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان جون لىيۇڭ ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇلغان 3 خىتاي پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 3 خىتاي پۇقراسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىخورلۇققا چېتىلىپ قالغان، نۇرغۇن پۇل بىلەن ئامېرىكاغا قاچقان ئەمەلدارلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق پارىخور ئەمەلدارلارغا، نەگىلا قاچساڭ سېنى تۇتىمىز دېگەن سىگنالنى بەرگەن.
خەۋەر ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ قېتىم 3 ئامېرىكا پۇقراسىنى قايتۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى، خىتايغا قاتتىق قول بولۇشى بىلەن تونۇلغان دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىشى دەپ قارالماقتىكەن.