ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە 24 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.26

26-ئاۋغۇست، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي ئارال ياسىشىغا ياردەم بەرگەن 24 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس (Wilbur Ross)بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا، خىتاينىڭ قوشنىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تالىشىشى ۋە ھەربىيلەر ئۈچۈن سۈنئىي ئارال پەيدا قىلىشىنى ئەيبلەپ كەلگەنىدى. خىتاينىڭ شۇ سۈنئىي ئارالنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بۇ شىركەتلەر بۈگۈن ھېساب بېرىشى كېرەك».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىش ئاستىدىكى 7 جايىدا 3000 ئىنگلىز موسىدىن ئاشىدىغان سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىپ، ئۇ يەرگە ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانىدى. فىلىپپىن سوتى 2016-يىل 7-ئايدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى فىلىپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ ھۆكۈم قىلغانىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ تىزىملىكىگە كىرگەن شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە چەت ئەلدىكى مەنپەئەتلىرىگە خەتەر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە قېتىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلىشى، تېخنىكا ياكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى كىرگۈزۈشى چەكلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.