ئامېرىكانىڭ 126 نەپەر پالاتا ئەزاسى بايدېننىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن خىتاي ماللىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.11

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان 126 نەپەر ئەزاسى 11-سېنتەبىر پىرېزىدېنت بايدېنغا بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ 800 دوللاردىن تۆۋەن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان تەكشۈرۈشىدىن خالى ئىمپورت ماللىرىغا قارشى كۈچلۈك مەمۇرى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپتا قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سودا كەچۈرۈم قانۇنىنىڭ ھەر كۈنى تۆت يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بولاق مالنىڭ ئامېرىكاغا تەكشۈرۈشتىن خالى باجسىز كىرىشىگە بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى زور ئەندىشە قوزغىماقتىكەن. مەكتۇپتا: «بىز سىزنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، بۇ ھۇجۇمنى توسۇشىڭىزغا رىغبەتلەندۈرىمىز» دېيىلگەن. بۇ مەكتۇپ، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا سودا قانۇنىدىكى بۇ بوشلۇق خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېمۇ، شېئىن قاتارلىق خىتاي تېز مودا كىيىم ۋە تور بازىرى شىركەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا ئېقىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يېزىلغان.

مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، «بۇ خىل مەھسۇلاتلار ئامېرىكا سانائىتىگە، ئىشچىلىرىغا ۋە يەرلىك پارچە ساتقۇچىلارغا زىيان سېلىپ، بازارنى ساختا مال ۋە خەتەرلىك بۇيۇملار قاپلاپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى زور خەتەرگە مۇپتىلا قىلماقتا» ئىكەن. پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپتا يەنە بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن خالى باجسىز ئىمپورت ماللىرى، بولۇپمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بۇ خىل ماللار، مەۋجۇت ئامېرىكا سودا قانۇنى مېخانىزمىنىڭ، جۈملىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە تاموژنا قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا قانۇنى، قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا تەكشۈرۈشتىن خالى، باجسىز كىرىشىگە يول قويغاچقا، خىتاينىڭ تېمۇ، شېئىن قاتارلىق تور بازىرى شىركەتلىرى بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنى توسالغۇسىز ئامېرىكا بازىرىغا يوللاپ، ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن بېرى ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.