ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى ئىتتىپاقى قۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.11

«ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى ئىتتىپاقى قۇرغان.

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۆكۈمرانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. بۇ ھەمكارلىق ئالەم بوشلۇقى جىسىملىرىنى نازارەت قىلىشتىكى ئورتاق ئىقتىدارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى «ئالەم بوشلۇقى كۈچى» يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئانتونىي ماستالېر (Anthony Mastalir) ياپونىيەنىڭ يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يېقىندا قۇرۇلغان ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنى «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرلىكتە «تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. گېنېرال ئانتونىي ماستالېر مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىخەتەر ۋە قولايلىق ھەرىكەت قىلغىلى بولىدىغان ھاۋا بوشلۇقنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى».

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئامېرىكادىكى رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئۈچۈن ئەڭ يادرولۇق تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇ «خەۋپ» كە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى» (G7) دەك ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا-ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشى خىتاينىڭ دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ھالقىلىق ئامىل دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.