ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە «سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى» قايتا باش كۆتۈرمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.02

يېقىندىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قانداقتۇر ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ پىلانىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولماقتا.

30-نويابىر كۈنى جەيسون سىمىت (Jayson Smith) ئىسىملىك بىرى خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى X دا ئۇچۇر يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تېررورىستلىرىنى تەربىيەلەپ، خىتاينىڭ سودىسىنى ۋەيران قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ خىتاينىڭ دەرۋازىسىدۇر. ئەگەر ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۇيغۇرلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ، تېررورىستلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، بۇ دەرۋازىنى بۇزۇپ تاشلىيالىسا، دېڭىزدىكى قامال ئارقىلىقلا خىتاينىڭ سودىسىنى ۋەيران قىلالايدۇ. ئەمما ئامېرىكا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ. يەنە كېلىپ ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› كۈچەيدى. ئامېرىكا پەقەت ھېچقانداق ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا پۇل خەجلەۋاتىدۇ».

ئۇنى قوللاپ ئىنكاس يازغان خىتايلار «شىنجاڭ ھەققىدە سەلبىي پىكىردىكى ئادەملەرنىڭ ئۇ جايغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەكلىكىنى، شۇ چاغدىلا غەرب دۆلەتلىرى دەۋاتقان گەپ بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى» بايان قىلىشقان. لى زېشىن ئىسىملىك بىر خىتاي شۇ كۈنى X دە يوللىغان ئۇچۇرىدا، «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزماقچى بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قاتناش خەرىتىسىنى چىقىرىپ، «بىرىنچىدىن، ‹بىر بەلباغ بىر يول› تۆمۈر يولىنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئاندىن ياۋروپاغا بارىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇرۇش-توقۇنۇشلار غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈشىگە يول قويمايدۇ. شۇڭا ئۇلار شىنجاڭ ئارقىلىق خىتايغا ئۇچىدۇ. شىنجاڭ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى، شۇڭا ئۇنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ يازغان.

ئامېرىكادا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. يۇقىرىقى ئىنكاسلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىنكاس دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.