يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىن باي ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان توقسۇ-باي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا تۆت مىليارد سوم (تەخمىنەن 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېقىن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 91 كىلومېتىر بولغان بۇ تۆمۈر يولى لىنىيەسى دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش تىپىدىكى تۆمۈر يول تارماق لىنىيەسى بولۇپ، باي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى بازىسى ۋە خام ئەشيا باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭدەك «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» تىكى يېڭى بۆسۈش بولۇپ قالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باي ناھىيەسى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆمۈركان بازىلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ئاقسۇ تەۋەسىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان «باغچە رايونى» نامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىر قىسمى دەل مۇشۇ رايوندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك تەخمىنلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانىدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا بۇنى «بايلىق ئېچىش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش» دەپ ئېلان قىلىشى بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتىكەن.