BBC نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋىرى خىتاينى بىئارام قىلغان

خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى بەس-بەس بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن پەيشەنبە كۈنى BBC نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا قىيامىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بىر قانچە تاللا بازىرىدا سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەخسۇس خەۋىرىنى تەنقىدلىگەن.

BBC يېقىندا «شوخلا قىيامى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلىنەمدۇ؟ تاللا بازارلارغا تىزىلغان شىنجاڭ شوخلا قىيامىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغانىدى. بۇ فىلىمدا، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان 14 نەپەر شاھىت ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، سودا مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، فىلىمدا خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان شوخلا قىيامىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بىڭتۈەننىڭ قارا قولى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 5-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ پاختا جەمئىيىتى» بۇ رايوننىڭ پاختا كەسپىنى قاتتىق قوغداش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى (Tadashi Yanai) 27-نويابىر كۈنى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان «بىز شىنجاڭدىن كەلگەن پاختىلارنى ئىشلەتمەيمىز» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بەرگەن.

بۇ، دۇنياغا داڭلىق ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» نىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى ئىكەن. «شىنجاڭ پاختىسى» سەۋەبىدىن يۇنىكلوغا ئوخشاش قارشىلىققا دۇچ كەلگەن شىركەتلەردىن يەنە شىۋېتسىيەنىڭ H&M شىركىتى، شۇنداقلا نايكى، ئادىداس، بۇربېررى (Burberry) قاتارلىقلار بار ئىكەن.