«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى: «ب د ت ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالىمەن دېسە، باچېلېتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى كېرەك»

ئامېرىكانىڭ «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە 12-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا، ئەگەر ب د ت ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالىمەن دىسە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوبزورچىسى مارىي ئاناستاسىيا ئوگرادىي قەلەمگە ئالغان مەزكۇر ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت كىشىلىك ھوقۇققا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن.

ئوبزوردا ئۇنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقى، بۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇرۇن كۇبا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان باچېلېتنىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرغانلىقى ۋە كۇبا ئىنقىلابىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

مارىي ئاناستاسىيا ئ‍وگرادىينىڭ «ب د ت نىڭ دىكتاتورلار كەچۈرۈمچىسى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئۆتكەن ھەپتە دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق ئ‍اممىۋىي تەشكىلات باچېلېتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن، شۇنداقلا باچىلېت 13-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارلىقىنى تالاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل 31-ئاۋغۇستتا توشۇدىغان باچېلېت، 13-ئىيۇن كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ياز پەسىللىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنى ئېلان قىلغان.

تەنقىدچىلەر، خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېتەرلىك سۆزلىمىگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىگە يېتەرلىك بېسىم قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدە پەقەت خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قانىلى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، باچېلېت دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئائىت يېڭى تەپسىلاتلارنى تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە «خورلاش ئەندىزىسى» گە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق مارىي ئاناستاسىيا ئوگرادىينىڭ تەكىتلىشىچە، باچېلېتنىڭ «مەيلى كۇبادا ياكى خىتايدا بولسۇن، زالىملارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، دېگەن تەسىرىدىن قېچىش قىيىن بولۇپ، ب د ت ئۆزىنىڭ ئىناۋېتىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى كېرەك،» ئىكەن.