ئامېرىكا ۋەكىلى ب د ت دا لاگېرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى
2018.10.31
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىدىن كېللى كۇررى (Kelly Currie) خانىم دۈشەنبە كۈنى ب د ت دا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.
كېللى كۇررى خانىمنىڭ نۇتۇق تېكىستىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ نۇقتىدا ئوخشاش ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئائىت بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئامېرىكا ۋەكىلى كېللى خانىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ مىللىي كىملىكنى قوغداش تەرەپدارى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېغىز دەرىجىدە جازالىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. كېللى خانىم بۇ خىل چەكلىمە ۋە ئىجرائاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ خىتاي گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ قىلمىشلارنىڭ رايوندا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
كېللى خانىم يەنە خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «قالاقلىقنى تۈگىتىش» دەپ ئاقلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزىلا رايوندا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان چارىلەرنىڭ چەكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.