تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مىشېل باچېلېتنى لاگېرلارغا بېرىشقا چاقىرغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلىتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يەر ئېلىۋاتقاندا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى «مىشېل باچېلېت لاگېرلارنى زىيارەت قىلسۇن، شۇنداقلا بىزىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقسۇن» دېگەن مەزمۇندا تەلەپ يوللىغان.

«تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسى» نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 10-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ مۇستەقىل ھالدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن مىرزەخمەت بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىز مىشېل باچېلېتنى يىغىۋېلىش لاگېرىلىرنى ئەركىن ھالدا زىيارەت قىلىشقا، كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە خىتاي كادىر-ساقچىلىرى بولمىغان ئەھۋالدا، شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشىپ بېقىشقا چاقىرىمىز» دېگەن. مەدىنە نازىمى بولسا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇرتىمىزغا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋالنى كۆرۈپ بېقىشىنى سورايمىز. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ قالسا بولمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ «تەكشۈرۈش» ئەمەس، بەلكى «زىيارەت» بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ بىر قېتىملىق شەكلەن زىيارەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا ئىكەن. يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن مەلۇم بولغان ئەھۋاللار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر ۋە تۇتقۇن ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىش چارىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.