ۋولكېر تۈرك: «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ھەممىلا يەردە بولۇشى لازىم!»
2023.05.25
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Türk) 24-ماي كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋە شىتابىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەخسۇس سۆز قىلغان.
ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋولكېر تۈرك «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسىدە، ئىزچىل ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشخانا سانىنىڭ ئەسلىدىكى ئىككى ئىشخانىدىن 94 كە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆز بولغاندا، «بىز بۇ ئىشخانىلارنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتىشكە ھەمدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا لازىملىق مەبلەغگە ئېھتىياجلىق. بىزنىڭ نىشانىمىز دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تەسىس قىلىش» دېگەن.
ۋولكېر تۈرك ئۆز سۆزىدە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. نۆۋەتتە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچ سەرپ قىلىش بەدىلىگە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «ب د ت نى كونترول قىلىش» ھەركىتىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ «يانچۇقىدىكى ئويۇنچۇق» بولۇپ قالغانلىقتىن، سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.