د ئۇ ق: «ب د ت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قوش ئۆلچەمنى بىكار قىلىشى لازىم!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.10.25

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) 25-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئۆز نىزامنامىسىگە خىلاپ ھالدا ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ب د ت نىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا 50 نەچچە دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىگەن. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىمۇ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان. ھالبۇكى، 17-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرېس (António Guterres) بېيجىڭغا بارغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلغان «بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە خىتاينى «خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە كۆپ خىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەڭ زور تۆھپە قوشتى» دەپ مەھدىيەلىگەن. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شەرقىي تۈركىستان رايونى دەل خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›دىكى مەركىزىي ھالقا. مۇشۇ رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى باش كاتىپ جانابلىرى نېمە ئۈچۈن تىلغا ئالمايدۇ؟» دېگەن.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان ب د ت 78-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى ئەيىبلىنىپ «كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇپ سايلىنىشى ب د ت ئۈچۈن بىر چوڭ نومۇس. ئۇلار بۇ خىلدىكى ‹قوش ئۆلچەم›دىن ۋاز كېچىشى لازىم» دېيىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.