خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مەكتەپ بالىسىنى «بەخت تامىقى» بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-27
Share

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2012-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان يېزىلاردىكى مەكتەپ بالىلىرىنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەش پروگراممىسى كېڭىيىپ، نۆۋەتتە 1 مىليون 540 مىڭ بالا بۇ خىل ئاتالمىش «بەخت تامىقى» بىلەن تەمىنلەنمەكتە ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ پروگرامما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە يولغا قويۇلغان بولۇپ، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ جانباز يېزىلىق 1-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۆزىدىنلا 1700 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ خىل تاماق بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «بەختلىك تاماق» پروگراممىسىنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن 2012-يىلى باشلىنىپ بارا-بارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوزۇقلىنىشى مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان بۇ پروگراممىنىڭ مەقسىتى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا سوئال پەيدا قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پروگراممىنى يولغا قويۇشتىدىكى مەقسىتى بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تاماقسىز قېلىش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلە مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ تېزلىتىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى «بەختلىك تاماق» پروگراممىسىغا ھەر يىلى بىر مىليارد يۇەن ئاجرىتىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بىر مىليون 540 مىڭ بالا بۇ خىل ئاتالمىش «بەختلىك تاماق» پروگراممىسىدىن بەھىرلەنمەكتە ئىكەن. لېكىن بۇ بىر مىليون 540 مىڭ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار لاگېرلىرىدىكى ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت