بېتانى ئېيلىن: «پەرھات تۇرسۇن شىنجاڭدىكى بىخەتەر جايغا قامالدى»

Axios تورىدا بۈگۈن «بۇ رومانچى ھازىر شىنجاڭدىكى بىخەتەر جايدا قاماقلىق» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئالاھىدە ئورنى مۇھىم دىققەت نۇقتىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ئوبزۇردىن ماقالە ئاپتورى بېتانى ئېيلىن خانىمنىڭ خىتايدا مۇخبىرلىق قىلغانلىقى، پەرھات تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت تارىخىنى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى خېلىلا چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پەرھات تۇرسۇن شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مودېرنسىت يازغۇچىلاردىن بولۇپ، كافكا بىلەن جالالىدىن رۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ 16 يىللىق كېسىلىپ، خىتاي تۈرمىسىگە قامالدى. ئۇ يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتارىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى».

بۇ ئوبزۇردا ماقالە ئاپتورى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خاتا چۈشىنىش ۋە يەكلىنىشكە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنمىگەن، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «پەرھات تۇرسۇن 1999-يىل ˃ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى˂ ناملىق رومانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىتابىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان». ماقالە ئاپتورىنىڭ پەرھات تۇرسۇننى «ئۇ ھازىر بىخەتەر جايغا قامالدى» دەپ كىنايە قىلىشى بەلكىم شۇ نۇقتىنى كۆرسەتسە كېرەك.