CECC كومىسسارلىرى ھەرقايسى دۆلەت سودا رەھبەرلىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە قوشۇمچە تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.10.01

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» (CECC) نىڭ كومىسسارلىرىدىن كىرىستوفېر سىمىس (Chris Smith)، جېف مېركېلېي (Jeff Merkley)، ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە جىم مەكگوۋېرن (Jim McGovern) قاتارلىقلار يېقىندا ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرىگە كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللىغان ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجرائاتلارغا بەزى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە بىر قىسىم تاۋارلار ئامېرىكا تاموژناسىدا توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار كانادا ياكى مېكسىكىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاندىن بۇ جايلاردىن ئامېرىكا بازىرىغا يوللانغان. يەنە بەزىلەر بىۋاسىتە ھالدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىن ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنغان. ئۇلار ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەك ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ دەل مۇشۇ خىل يوللار ئارقىلىق كانادا ۋە مېكسىكاغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ كانادا ۋە مېكسىكا ئۈچۈنمۇ ئۈلگە سۈپىتىدە قارىلىشىنى، ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

مەكتۇپتا ئۇلار يەنە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بىر دۆلەت «مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق» دەپ قارىغان تاۋارنى قالغان دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆز تاموژناسىدىن ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆتەيلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش باسقۇچلىرىدا ئەڭ زور كۈچ چىقارغان كىشىلەر بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرى بولغانلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.