ئۇيغۇر ئېلىدا 23 كىشى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئەلچىسى دىلنىگار ئىلغامجانغا توردا پىكىر يازغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.11

ئۇيغۇر ئېلىدا 23 نەپەر ئۇيغۇر خىتاينىڭ 4-فېۋرال كۈنى ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئولىمپىك مەشئىلى ياندۇرغان ئۇيغۇر ئولىمپىك مەشئەلچىسى دىلنىگار ئىلھامجانغا توردا پىكىر يازغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 10-فېۋرال رادىيومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 2-ئاينىڭ 7-ۋە 8-كۈنلىرى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا دىلنىگار ئىلھامجانغا توردا پىكىر يازغان ئۇيغۇرلاردىن 23 كىشىگە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغان بىر ۋاقىتتا، دىلنىگار ئىلھامجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر چاڭغىچى قىزنى يەنە بىر خىتاي تەنھەتكەتچى قىز بىلەن بىرلىكتە قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەشئەل ياندۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئاقساراي باياناتچىسى خىتاينىڭ بۇ ھەركىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ دىققەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن باشقا ياققا بۇراش ھەركىتى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈندىدار چەمبىرىكىدىكى ھەر خىل توپلاردا دىلنىگار ئىھامجانغا باھا بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردا 20 دىن ئارتۇق كىشىگە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ياكى جەرىمانە قويۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، بۇ ھادىسىنىڭ 7-ۋە 8-فېۋرال كۈنلىرى يۈز بەرگەنلىكى، جازالانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ 21 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 15 ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكىگە ئائىت تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.