دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق كىتابى ھىندىستاننىڭ ھارئاناند نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسا 8-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا بۇ كىتابى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىمگە ئاساسەن يېزىلدى؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، كىشىلەرنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەتىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەش. گەرچە مەن ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولساممۇ داۋاملىق ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچراپ كەلدىم؛ ئەركىنلىكىم تارتىۋېلىندى، غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىندى، تۇتۇلدۇم، سوئال-سوراق قىلىندىم».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابتا ئۇنىڭ 80-يىللاردىن باشلاپلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەش ھاياتى، چەت ئەلدىكى ئەركىن، دېموكراتىك دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ خىلمۇ تەھدىت ۋە چەكلەشلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ 1997-يىلدىن باشلاپلا ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) ئارقىلىق ئۆزىگە قانچە قېتىملاپ قارا قولىنى سوزغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكا، كورىيە، ئىتالىيە، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كۈرەشلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ياۋروپادەك ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ماڭىلا ئەمەس، ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىشقا، چەكلەشكە ۋە زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتىم».