خوتەندە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش سۇپىسى» ئومۇملاشتۇرۇلماقتىكەن
2023.03.02
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى خوتەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەت بۇلتۇر تيەنجىن شەھىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە يولغا قويۇلغان ئىكەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى»نىڭ 1- مارتتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر تۈر بويىچە تىيەنجىن شەھىرى 2022-يىلىدىن باشلاپ كېرىيە، نىيە ۋە چىرا ناھىيەلىرىدىكى 23 مەكتەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. خەۋەردە بۇ سۇپا ئارقىلىق «ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا باغلاپ، ئوقۇتۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرغىلى، مۇقىم، بىخەتەر مەكتەپ مۇھىتى قۇرغىلى بولىدىغانلىقى، ئوقۇتۇش مەنبەسىنى بىردەك تەقسىملىگىلى بولىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ باشقۇرۇلىدىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى، خەۋەردە مەكتەپ ھويلىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى دىيىلگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ئۆز خەۋىرىدە، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش سۇپىسى مەكتەپ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپكە قاتنىشىشنى باشقۇرۇش، ئاشخانا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇمات يوللاش، خىزمەت ئالاقىسى، ھۆججەت باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قېلىپلاشتۇردى» دەپ بايان قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بىر سۇپا بولۇپ، ئۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر بىر كىشىگە ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى مەكتەپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتى بۇ يىل ئىزچىل داۋام قىلىدىكەن.