ئەركىن تۇنياز قەشقەردە قىلغان سۆزىدە، «بۇ جايغا كۆپلەپ ئادەم جەلپ قىلىش» نى ئېيتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.09

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز 7-دېكابىر كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت، يوپۇرغا ناھىيەلىرىدە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، «ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاش» قا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئەركىن تۇنياز مەكىت ناھىيەسىدە «چىلانزارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يەرلىك ئاھالىنى بېيىتىش ئۈچۈن يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا چىقىرىش ھەققىدە سۆزلىگەندىن باشقا، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى يولغا قويۇپ، «يەپ-ئىچىش، قونۇش، مېڭىش، ئايلىنىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» كەسىپلىرىنى بىر تۇتاش گۈللەندۈرۈپ، بۇ جايغا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلىشنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، قۇملۇقنى توسۇپ يېشىللىق بەرپا قىلىش، قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كارخانا بىلەن ئائىلە بىرلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش، دولان قويى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى باشقىلارغا تونۇتۇش دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئەركىن تۇنيازنىڭ يۇقىرىقى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش پائالىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەرنى مۇھىم سودا تۈگۈنى ۋە ئېچىۋېتىلگەن سودا رايونى قىلىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، «ھۆكۈمەت چۈشۈرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن نىشانغا يېتىش» قەتئىي تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي كارخانىلىرىنى قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى، سودا قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق يەتتە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغانلىقى، چوڭ يىغىنلارنى ئېچىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى شىركەتلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ «قەشقەرنى ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ قەشقەردە ئىستراتېگىيەلىك سودا مەركىزى قۇرۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلققە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.