س ن ب س خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FBI) باشلىقى كرىستوفىر ۋراي (Christopher Wray) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى» بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلاپ، شىركەت ئىچىدە ئۆزلىرىنى نازارەت قىلىدىغان گۇرۇپپا قۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودىنى باھانە قىلىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكادىكى سودا خەۋپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2021-يىلدىكى دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىگە «كومپارتىيە ياچېيكىسى» قۇرۇش تەلىپىنى قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى ۋە تەلەپلىرىگە لايىق ھەرىكەت قىلغان-قىلمايۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۆتكەن يىلى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى خەلقئارالىق چوڭ بانكا بولغان «HSBC» بانكىسىنىڭ خىتايدىكى شۆبىسىدە تۇنجى بولۇپ كومپارتىيە ياچېيكىسى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 12-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدىكى سۆزىدە بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋاللىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىزگە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىدىنمۇ بەك كەڭ كۆلەملىك تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت يوق» دېگەن.
