فىلىپپىن پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن
2016.10.17
فىلىپپىن پرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتايدىكى 4 كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىگە تەييارلانغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «فىلىپپىن ئۇزاق مەزگىللىك ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ،» دېگەن.
شىنخۋا ئاگېنتلىقى دۇتېرتېنىڭ خىتايدىكى دۆلەت زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ «پەقەتلا خىتاي بىزگە ياردەم قىلالايدۇ،» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خوڭكوڭدىكى سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىمۇ، «فىلىپپىن پرېزىدېنتى دۇتېرتې خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ،» دەپ خەۋەر بەرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇتېرتې فىلىپپىننىڭ بۇندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەرقانداق ھەمكارلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق سېپىگە كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇتېرتېنىڭ فىلىپپىننى دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سىياسەت جەھەتتىن دىراماتىك بۇرۇلۇشقا باشلاپ كېتىۋاتقانلىقى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر فىلىپپىن راستىنلا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىتتىپاقداشلىقتىن ۋاز كېچىپ خىتايغا مايىللاشسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھالدا ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىماقتىكەن.
مەلۇمكى، يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان فىلىپپىن ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەت يېقىندا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن پرېزىدېنتى دۇتېرتېنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن يامانلاشقان. دۇتېرتې ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى ئېغىزىنى بۇزۇپ ھاقارەتلىگەن. ئۇ يېقىندا شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي مېنى ئەزەلدىن تەنقىد قىلغىنى يوق، بەلكى بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.