ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئە ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆز مەيدانلىرىنى ئىپادىلەۋاتقاندا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى «كەچۈرگۈسىز قىلمىش» دەپ ئەيىبلىدى.
«بارون» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بەزى يىرىكلىك كۆرۈلۈۋاتقاندا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋلى دغيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى يېڭىدىن باھالاپ چىقىش تەكلىپىنى سۇنغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ (ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى) باياناتىمنى ‹ئاساسسىز› دەپ رەت قىلدى. شۇڭا ‹ئۇنداق بولسا ب د ت دىكى مېشېل باچېلوتنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈگۈچىلەر بۇنى قايتىدىن قاراپ چىقسۇن، دېدۇق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋلى دغيان ئۆتكەن ھەپتىدە فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشى قاتارلىقلار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەنىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقىمۇ-ئارقىدىن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقاندا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىشنى تاللىشى زور ئالقىشلاشقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.