سىلوۋاكىيە گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئاخىرقى 3 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.31

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان ئاخىرقى 3 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىپ سىلوۋاكىيەگە يولغا سېلىنغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى باياناتىدا، بۇ يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ گۇەنتانامو تۇتقۇنلار لاگېرىنى تاقاش يولىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىپ، لاگېردا 2001‏-يىلى ئافغانىستاندا ئەسىر ئېلىنغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ھېچقانداق كىشى قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا ئەسىر ئېلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «خاتا ۋاقىتتا، خاتا يەردە تۇرۇپ قالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشقا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈسۈپ ئابباس، سەيدۇللا خالىق، ھاجى ئەكبەر ئابدۇلغوپۇر سىلوۋاكىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغان. باياناتچى جون كىربى، سىلوۋاكىيەنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك كۆرسىتىپ»، بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى سالۋادور ۋە تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق سالۋادوردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقا دۆلەتكە كېتىپ ئورۇنلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.