كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى گۇما پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى 10‏-سېنتەبىر گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەرەپسىز ۋە ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە،گۇماندارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

10‏-سېنتەبىر، ساقچىلار خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسىدىكى بىر ئۆيدە ئاقتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا بومبا پارتلاپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت ئۆلگەن، 3 ساقچى يارىلانغان. يارىدار ساقچىلارنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دائىرىلەر، بومبا ساقچىلارنىڭ «قارا تىزىملىك»تىكى بىر ئائىلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا پارتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بومبا پارتلىغان ئۆيدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتى، پارتلاشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە، جىنايەت گۇماندارلىرىغا خەلقئارا ئۆلچەملەر ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھېچكىم ئورۇنسىز ياكى چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىپ تۇتقۇن قىلىنماسلىقى كېرەك» دېگەن.

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە قانۇن تۈزۈمنى قايرىپ قويۇپ، چېكىدىن ئاشقان كۈچ ئىشلىتىش، خەلقئارا ئۆلچەم ۋە ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.