گۈيياڭدا بازار باشقۇرغۇچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان 5 ئۇيغۇر يايمىچى تۇتقۇن قىلىنغان


خىتايدىكى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن چ چ، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا تارقالغان رەسىملىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12 - ماي كۈنى گۈيياڭ شەھىرىدە ئۇيغۇر يايمىچىلارنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنغان.

شىۋېتسىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان مۇستەقىل ئۇچۇر تورى شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ 19 - مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۈم بولۇشىچە، 12 - ماي كۈنى گۈيياڭدىكى بازار باشقۇرۇش خادىملىرى كوچىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يايمىلىرىنى قانۇنسىز تىجارەت قىلغان دېگەن باھانىدە مۇسادىرە قىلىشقا ئۇرۇنغانغاندا، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى قوللىرىغا ئۇزۇن پىچاق ئېلىپ، خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن تىركەشكەن. خەۋەردە يەنە ۋەقەدىن كېيىن 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ گۈيياڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

رادىيومىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشماقتا.