خىتاي تاراتقۇلىرى ئۈرۈمچىدە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنىڭ ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا نۆۋەتتە خىتاي مىقياسىدا كوۋىد ۋىرۇسى كەڭ يامراپ كەتكەنلىكتىن قىزىتما قايتۇرۇش ۋە يۆتەل دورىلىرىدا قىسلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھەدەپ بۇنىڭ ئەكسىنى تەشۋىق قىلىپ خەۋەر تارقىتىشنى باشلىغان.

22-دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى بىر پارچە خەۋەر تارقىتىپ، ئۈرۈمچىدە دورىخانىلاردا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنىڭ ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى، قىزىتما دورىسىنىڭ كەڭ-كۇشادە تولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى بىر دورىخانا ئىگىسىنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئالدىراش ھالدا ھەقسز قىزىتما قايتۇرۇش درىسى تارقىتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر ياقتىن توختىماي مال سەپلەۋاتقانلىقى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئىلگىرى سۈرگەن يۇقىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ تېخى بىر كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانا ۋە ئاھالىلەردىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدا ئۈرۈمچىدە ئاھالىلەر ئەمەس بەلكى دوختۇرخانىلارنىڭمۇ دورا يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا يولۇقۇۋاتقانلىقى، دوختۇرخانىلاردا بىمارلار تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كېـتىپ كېسەل كارىۋىتى يېـتىشمەيۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى ھەقسىز دورا تارقىتىش خەۋىرىنى ئارقىدىنلا ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورى بىر كۈن ئاۋۋال تارقاتقان خەۋرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دورىخانىلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىدەك خەۋەرلەرگە قارشى «قەشقەردە دورىلار تولۇق، باھاسى مۇقىم» دەپ، قەشقەردە دورا جىددىيلىكى، يېتىشمەسلىكى ھەتتا قىممەتلىشىپ كەتكەنلىكى مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.