Hikvision شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى توختاملىرىنى بىكار قىلدى
2024.12.16
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2019-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان Hikvision (خەيكاڭ) شىركىتى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئىمزالىغان بەش تۈرلۈك توختامنى بىكار قىلغان.
14-دېكابىردىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماق شىركەتلەر بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا سۆز قىلمىغان. خەۋەردە Hikvision شىركىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تېخنىكا ئۇرۇشىدا قارماققا ئېلىنغان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «HIKvisionشىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بۇ شىركەت رايوندا بۇنىڭدىن كېيىن باشقا سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ.»
خەۋەردە، Hikvision شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، لوپنۇر، قاراقاش، گۇما ۋە كېرىيە قاتارلىق جايلاردىكى بەش ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 2023-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى Hikvision (خەيكاڭ) شىركىتىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەملەشكەن» دەپ ئەيىبلىگەن.
Hikvision (خەيكاڭ) شىركىتى 2017-يىلدىن تارتىپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا 2019-يىلى ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى. 2021-يىل ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا Hikvision كامېرالىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇنى پارلامېنت بىناسىدىن چىقىرىپ تاشلىغانىدى.