خوڭكوڭلۇقلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي ماددىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان «نېگىزلىك قانۇن»نىڭ ئىزاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

6-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئاھالىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭغا قارىتا بېكىتكەن «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون نېگىزلىك قانۇنى»نىڭ 104-ماددىسىدىكى خوڭكوڭ پالاتا ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى «جۇڭگو خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا سادىق بولۇش، نېگىزلىك قانۇننى ھىمايە قىلىش» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭنى باشقۇرۇشقا قارىتا مەزكۇر نېگىزلىك قانۇننى بېكىتكەندىن بۇيان بەش قېتىم ئىزاھات چىقارغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەرى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە،خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى 6-نويابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئورگىنىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن ئۇلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتا سۇ چېچىپ تارقىتىۋېتىش ئۇسۇلى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار سانى كۆپىيىپ 13 مىڭغا يەتكەن.