خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ «تېررورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئاساسلىق نىشاننى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى ئېنىقلاشقا قارىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان «تېررورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» كە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تارىخىغا قارىتا پەرقلىق قاراشتىكى ئۇيغۇر كادىرلىرى، زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلىرى ۋە باشقا كىشىلەرنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلىشقا كىرىشكەن.
دائىرىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورگانلىرىدىكى بۇ كىشىلەرنى «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى» گە ئاستىرتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان «خەتەرلىك كۈچلەر» دەپ جاكارلىغان ئىدى. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھۆججىتىدە پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار «سىياسىي زوراۋانلىققا قارشى قەتئىي مەيدان ۋە پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئاساسلىق نىشاننى ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارنى ئېنىقلاپ چىقىشقا قارىتىشى كېرەك» دېيىلگەن. خىتاينىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى نورمالدا پارتىيە ئىچىدىكى خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگان ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق دېلولىرىغىمۇ ئارىلاشماقتا ئىكەن.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭدا سىياسىي ئىنتىزام جازاسىغا تارتىلغانلار بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. خىتاي دائىرىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تازىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان 2017-يىلى 2-ئايدىن بېرى قانچە .ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى تازىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قانىلىنى بۇزۇپ تاشلىغان