ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى گۇگول ئېلخەت ئالاقىسىنىڭ توسۇپ قويۇلغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتايدا ئىپادە ئەركىنلىكى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىمىز، دېدى. گۇگول شىركىتى خىتاينىڭ 26-دېكابىردىن بېرى گۇگول ئېلخەت ئالاقىسىنى توسۇپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جەف راتكې، «بىز خىتايدا ئىپادە ئەركىنلىكىگە جۈملىدىن تور ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىمىز. بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە نورمال تور بەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسى خىتاينىڭ زامانىۋى، ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇش ئارزۇسىغا مۇخالىپ، دەپ قارايمىز، دېگەن.
جەف راتكې يەنە، خىتاينى خەلقئارا شىركەتلەرگە مۇئامىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بازارغا بېرىدىغان سىگنالىنى ئويلىشىشقا چاقىرغان. لېكىن جەف راتكې، گۇگول ئېلخەت ئالاقىسىنىڭ توسۇپ قويۇلۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق رول ئوينىغانلىقىغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.