فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-01-20
Share
فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى
Photo: RFA

فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان.

20-يانۋار پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى 1 گە قارشى 169 ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارار فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ پارتىيەسىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېلان قىلىنغان قاراردا «پارلامېنت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ» دىيىلگەن. بۇ قارادا يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا سەۋىيەدە، شۇنداقلا خىتايغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىلغان.

فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىككى ھەپتە قالغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلغان بۇ تارىخىي قارارى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ، 2021-يىلى 19-يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلدى. فرانسىيە پارلامېنتى ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى 8-دۆلەت پارلامېنتى بولۇپ قالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت