د ئۇ ق نىڭ ياشلار كومىتېتى ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ۋىدىيولۇق چاقىرىقتا، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى سۈكۈتىنى بۇزۇشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى، سۈكۈت قىلىشنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا «شېرىك بولۇش» ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لوندوننى بازا قىلغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ يىل 9-دېكابىر كۈنى لوندون مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ سۇنغۇچىسى يوڭ كىم (Young Kim) بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا، «ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى جىمىقتۇرۇلماقتا، تۇتقۇن قىلىنماقتا، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا، تۈرمىگە تاشلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلىرىدا مېڭىسىنى يۇيۇلماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئاللىقىغا كۆز يۇمۇش شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە يول قويغانلىقتۇر» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى بولسا، 9-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ۋىدىيولۇق چاقىرىقىدا، ئاق قەغەزگە يېزىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىر رېئاللىق، سۈكۈت قىلىش جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەيلى» دېگەندەك شوئارلارنى كۆتۈرۈپ، خەلقئارانى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.