جاڭ چۈنشيەن «مىللەتلەر تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» ئىبارىسىنى ئىككىنچى قېتىم ئېغىزىدىن چىقاردى

خىتاي خەلق تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 5-فېۋرال كۈنى جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى تارماق شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن رايوندىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مىللەتلەر تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» ئىبارىسى يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە جاڭ چۈنشيەننىڭ ئېغىزىدىن ئىككىنچى قېتىم چىقىشىدۇر.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز ئېچىلغاندا، رايوننىڭ ئومۇمى تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىپ، رايوندىكى مىللەتلەر ئارا تەڭسىزلىكنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ياكى ئۇنى پەردازلاپ كەلگەن. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسى قۇرۇلۇش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، بۇ تەرەققىياتتىن يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى رايوندىكى تەڭسىز رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشى دەپ قارىسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلىرى جاڭ چۈنشيەننىڭ خەلققە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن گەپ ئوينىتىشى دەپ قاراشماقتا.