ئۇيغۇر ئېلىدىكى 78 ناھىيىدە جىنايەتچىلەرنى ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2013.07.18
بۈگۈن خىتايدىكى قانۇنچىلىق تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە نازارىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، 78 ناھىيە، بازاردا جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئۆتەۋاتقانلارنى تۈزەش ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلېكترونلۇق سىستېما ئارقىلىق بېكىتىش، نازارەت قىلىش پونكىتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
بۇ سىستېما بويىچە ھازىرغىچە جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئۆتەۋاتقان جەمئىي 4000 نەپەرگە يېقىن جىنايەتچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىستېما سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ قىلمىشىنى تەكرارلاش ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ زادى قايسى جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا ئۆيمۇ-ئۆي چارلاش ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق چىڭىتقانلىقىنى، شۇڭا ئېلېكترونلۇق سىستېما ئارقىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بۇ جىنايەتچىلەرنىڭمۇ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە ئېلىنغان كىشىلەر بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.