كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر سەۋەبىدىن خىتاينىڭ 8 نەپەر ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.10

كانادا تاشقىي ئىشلا ر مىنىستىرى (Melanie Joly ) مېلانى جولى 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپىدىكى 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كانادا تاشقىي ئىشلا ر مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو خىتاي ھۆكۈمىتى باشچىلىق قىلغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشقا، جۈملىدىن شىنجاڭ، تىبەت ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشقا قارشى يولغا قويۇلغان» ئىكەن. باياناتتا: «كانادا شىنجاڭدا 2017-يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇلاردىن نۇرغۇن كىشى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا؛ روھىي، جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا» دېيىلگەن.

بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشىدۇر. كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئەركىن تۇنياز، سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سابىق قوماندانى پېڭ جيارۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى خو ليۇجۈن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ياۋ چۈەن، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجې ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ خوڭبو قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان.

كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى ئېمبارگو مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «كانادا شىنجاڭ ۋە تىبەت ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، ئۇنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا چاقىرىمىز.» مەلۇم بولۇشىچە، مېلانى جولي بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى، كىشىلىك ھوقۇق، يەر شارى ھەم رايون خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.