خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھەربىي تۈرمىسىدە 13 مىڭ ئادەم مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن
2017.02.07
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سايدنايا ھەربىي تۈرمىسىدە 13 مىڭ ئادەمنى مەخپىي دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان پۇقرالار ئىكەن.
دوكلاتتا، سايدنايا تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلار 2011-يىلدىن 2015-يىلىغا قەدەر ھەر ھەپتىسى كوللېكتىپ دارغا ئېسىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دارغا ئېسىش بۇيرۇقى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال گۇۋاھچىلارنىڭ بايانى ۋە بەزى ھۆججەتلىك دەلىللەرگە ئاساسەن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پۇقرانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە «كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا سابىق قوغداش خادىمى، تۇتقۇن ۋە سايدنايا تۈرمىسىدە ئىشلىگەن ئەمەلدارلاردىن 84 كىشىنى زىيارەت قىلغان. بۇ كىشىلەر، مەزكۇر تۈرمىدە ھەر ھەپتىدە، ئارىلاپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم 20 دىن 50 كېچە تۇتقۇننىڭ كوللېكتىپ دارغا ئېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى دېكابىردىن كېيىن ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا دائىر دەلىل بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنى توختاتقانلىقىغا ئىشىنىشكە ھېچقانداق سەۋەب يوق ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.