يەكشەنبە كۈنى كەشمىر رايونىدا بىر قوراللىق ئادەم 10 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەنى كەشمىردىكى ئۆزىنى «جۈندۇللا» دەپ ئاتىغان بىر ئىسلامىي تەشكىلات زىممىسىگە ئالغان.
بۇ ۋەقە بالتىستان رايونىدىكى گىلگىت ئەتراپىدىكى بىر رېستوراندا يۈزبەرگەن بولۇپ، ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر ئادەم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 3 جۇڭگولۇق، 5 ئۇكرائىنىيىلىك، 1 رۇسىيىلىك ۋە بىر نەپەر پاكىستانلىقنى ئۆلتۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئادەم ئالدى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ۋە پۇللىرىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان. خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھۇجۇمدىن بىر نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ ساق قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گىلگىت - بالتىستان كەشىمىرگە تەۋە بولۇپ، بۇ جاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كارىدورى ۋە پاكىستان بىلەن تۇتىشىدۇ. مەزكۇر جاي خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلىدۇر.
پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ۋە باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپ بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.