كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىشقا چاقىردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى 5-ئاينىڭ 5-ۋە 6-كۈنلىرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەردە دىئالوگ ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چارشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئالىي ۋەكىل فېدېرىكا موگېرىنىنى خىتاي رەھبەرلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىردى.
تەشكىلات باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى ئاشكارا ۋە ياكى يېپىق سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە داۋاملىق تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.