ئامېرىكا كورېيە قىرغاقلىرىغا جايلاشتۇرۇلغان ئاۋىئاماتكا سانىنى 3 كە يەتكۈزدى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى يەنە بىر ئاۋىئاماتكىنى كورېيە يېرىم ئارىلىغا يوللاپ، مەزكۇر رايونغا جايلاشتۇرۇلغان ئاۋىئاماتكا سانىنى 3 كە يەتكۈزدى.

ئامېرىكا ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «رونالد رېگان» ۋە يادرو ماتورلۇق «كارل ۋىنسون» ناملىق ئىككى ئاۋىئاماتكىسىنى جەنۇبىي كورېيەدىكى مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇشقا يوللىغان ئىدى.

«تاشىقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 3-ئاۋىئاماتكىسى «نىمىتز» 1-ئىيۇن ۋاشىنگتون شتاتىدىكى ھەربىي پورتتىن كورېيە يېرىم ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان.

ئۇ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىپ بارغان ھامان رايوندا چارلاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ، «كارل ۋىنسون» ۋە «رونالد رېگان» ناملىق بۇ ئىككى ئاۋىئاماتكىغا يانداشقان زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم غەربىي تىنچ ئوكياندىكى كورېيە قىرغانلىرىغا يېقىن جايدا بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشى ئىكەن.

بۇ زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ئالدىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان غەربىي تىنچ ئوكياندا 3 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان.

ياپونىيەمۇ ئۆزىنىڭ تىكئۇچار توشۇيدىغان ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى چوڭ ھەربىي كېمىسى بىلەن پەيشەنبە كۈنىدىكى مانېۋىرغا قاتناشقان.

مانېۋىر بۇ ھەپتە ئاخىرى تۈگەيدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F15 ۋە ئامېرىكىنىڭ F18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزنىڭ ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى -THAAD يەنى «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى» نى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ ئامېرىكىنى مەزكۇر قالقان سىستېمىسىنى كورېيەدىن يۆتكەپ كېتىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ شۇنىڭغا يانداشقا ھالدا مەزكۇر دېڭىز رايونىغا 3 چوڭ ئاۋىئاماتكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.