شاھىت قەلبىنۇر سىدىق خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

گوللاندىيەدە ياشاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق «زىمىستان» تورىدا خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئەۋەتىلگەن خىتاي «تۇغقانلار» نىڭ ئىچ يۈزىنى پاش قىلغان. «زىمىستان» تورىنىڭ تەكىتلىشىچە، «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە قىزىنىڭ نەزىرىدە بۇ «تۈزۈم خاراكتېرلىك باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ياۋروپاغا قېچىپ چىققان قەلبىنۇر سىدىق «زىمىستان» تورىدا ئۆزلىرىگە قوشۇپ بېرىلگەن ئەركەك خىتاي «تۇغقىنى» نىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىپ، ئۇلارنى قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقى، قانداق جىنسىي پاراكەندىچىلىكلەرنى سالغانلىقى، ئۇنىڭ ئەخلاقسىز ھەرىكىتى ۋە تەلەپلىرىدىن قانداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن قېچىپ قۇتۇلغانلىقلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويسا، ئۇ دەرھال ئۇلارنى ئەيىبلىيەلەيدىكەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ تەكىتلىشىچە، قەلبىنۇر سىدىق شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى جەنۇبتىكىلەردىن ياخشىراق، دەپ قارىغان. خەۋەردە جەنۇبتىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ يالغۇز قالغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقان بىلەن بىرگە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى كېڭەيتكەن.

بىر مىليون 200 مىڭ خىتاي كادىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تۇرمۇشتا، تاماق ئېتىشتە، تاماق يېيىشتە، ئۆگىنىشتە ۋە ئۇخلاشتا بىرگە بولۇشى» تەلەپ قىلىنغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا باسقۇنچىلىققا يول ئېچىپ بېرىش،» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.