ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىي باستۇرۇشنىڭ نۆۋەتتە زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بىر خىتاي سودىگەر بۇ ھەقتىكى ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىدى.
«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 26-ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ خاۋنىڭ زاۋۇتى ئۇيغۇر دىيارىدىن نەچچە مىڭ ئىشچى ياللىغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەك يېشىغا يەتكەن ھەرقانداق كىشى چوقۇم خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى لازىم ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» شوئارى ئاستىدىكى بۇ چاقىرىقى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ھەر كۈنى 13 سائەتتىن ئەمگەك قىلىدىكەن. ئەمما ئايدا 500 سوم (تەخمىنەن 70 ئامېرىكا دوللىرى) مائاش ئالىدىكەن. گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ مائاشى بولسا ئۇلاردىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.
ۋاڭ خاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار زاۋۇت ياتىقىدا ياتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بالىلار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاساسەن لاگېرلاردا بولۇپ، مەكتەپلەر ئۇلارنى مۇشۇ خىل زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشكەنلەرگە بولسا مائاش بېرىلمەيدىكەن. ۋاڭ خاۋ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقنى يوقىتىش ھەققىدىكى شوئارلىرى پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق. ئۇلارنىڭ يوقاتماقچى بولغىنى ئۇيغۇرلارغا خاس ئىدېئولوگىيە،» دېگەن. چۈنكى ئۇنىڭ زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا خاس ھېچقانداق مەزمۇننىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى يېگانە خۇدا، دەپ بىلىشى ئادەتتىكى ئىش ھېساپلىندىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «مەن ئۆزۈم خىتاي بولساممۇ شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، شىنجاڭدا ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس،» دېگەن.