«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاي جىنكې ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر قىسىم قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا ئىشلىتىلگەن خام ئەشياسىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگككە چېتىشلىق دەپ قاراپ تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 22-سېنتەبىر سۆز قىلىپ: «ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسى ۋە تەمىنلەش لىنىيەسىگە دەخلى قىلغانلىق، يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى بىكار قىلغانلىق،» دەپ ئەيبلىگەن. ئۇ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئامېرىكانى «خاتالىقىنى تۈزىتىپ»، خىتاي كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن توختاشقا چاقىرغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدىكەن، خىتاي كارخانىلىرى بۇ پۇرسەتنى كۆزلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتىنىڭ، يەنى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغان بۇ مەنپەئەتىگە ئۇرۇلغان چوڭ زەربە ھېسابلىنىدىكەن.