BBC خەۋەر قانىلىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ بىر نەچچە تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان «ئىتالىيە شوخلا (پەمىدۇر) قىيامى» نىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شوخلا مەھسۇلاتىنى مەنبە قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىققان.
BBC مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، تېسكو (Tesco) تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان «ئىتالىيە شوخلا قىيامى» بىلەن ئاسدا (Asda) تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ئىتالىيە ماركىسىدىكى شوخلا قىيامىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدىكەن، ئەمما ھەر ئىككىسىگە «ئىتالىيەدە ئۆستۈرۈلگەن شوخلا قىيامى» دېگەن چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان.
ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيەدىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان 17 تۈرلۈك شوخلا قىيامىنىڭ بەزىلىرىگە خىتاي شوخلىسى ئارىلاشقان، دېگەن گۇمان تۈپەيلىدىن BBC شىركىتى ئۇلارنى سىناق قىلىشقا تاپشۇرغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىن كېلىۋاتقان شوخلا مەھسۇلاتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «شىنجاڭ شوخلىسى» بولۇپ، بۇ شوخلىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. BBC زىيارەت قىلغان 14 كىشى ئۆتكەن 16 يىلدا شوخلا مەيدانلىرىدا كۆرگەن مەجبۇرىي ئەمگەك زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتقان.
BBC مۇخبىرلىرى يەنە، زور مىقداردىكى «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ پويىزغا بېسىلىپ، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيەگە ماڭدۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان. ئىتالىيەدىكى بىر شوخلا شىركىتى 2020-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتايدىن 36 مىليون كىلوگىرام شوخلا سېتىۋالغان ھەمدە ئۆز شىركىتى نامىدا شوخلا قىيامى ئىشلەپ بازارغا سالغان. ئۇلارنىڭ ماللىرى پۈتۈن ياۋروپا بازىرىغا، جۈملىدىن ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەگە ماڭدۇرۇلغان.
BBC شىركىتى ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان 64 خىل شوخلا قىيامىنى «ئىتالىيە شوخلا قىيامى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىشنى ئاۋسترالىيەدىكى «ئىشەنچلىك مەنبە» (Source Certain) شىركىتىگە ھاۋالە قىلغان.