«نىككېي ئاسىيا» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە تەييارلانغان تەييار بېلىقلارنىڭ ياپونىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2024.12.03
ياپونىيەنىڭ «نىككېي ئاسىيا» ژۇرنىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تور بازىرى ئارقىلىق ياپونىيەدە سېتىلىۋاتقان ئەرزان باھالىق تەييار ئالياسكا روك بېلىقىنىڭ شەندۇڭدىكى خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىدە تەييارلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ شىركەتتە پوسكاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«نىككېي ئاسىيا» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور بازىرى ئارقىلىق سېتىلىۋاتقان تەييار ئالياسكا روك بېلىقى باھاسىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان بولۇشى، «نىككېي ئاسىيا» نىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان. ھالبۇكى، ئامېرىكانى بازا قىلغان «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتى، ئالياسكا روك بېلىقىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
«نىككېي ئاسىيا» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق شەندۇڭدىكى خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ تەييار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيەدىكى «مىياگى» ناملىق بىر شىركەتنىڭ ياپونىيە رېستورانلىرىغا ساتىدىغانلىقى، بىر پارچىسى 70 يېن يەنى دوللارغا 45 سېنت بولغان تەييار ئالياسكا روك بېلىقىنىڭ، ئادەتتىكى بازار باھاسىدىن 60-70 پىرسەنت ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. «نىككېي ئاسىيا» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار شەندۇڭدىكى خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شىركەتنىڭ 2020-يىلى 2-ئايدا 190 نەپەر نەپەر ئۇيغۇرنى ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئايروپىلان بىلەن شەندۇڭغا ئېلىپ كەلگەنلىكى، شۇ يىلى 3-ئايدا يەنە پوسكام ناھىيەسىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ شەندۇڭدىكى شىركەتتە ئىشلەشكە يولغا سېلىنغانلىقىنى بايقىغان.
«نىككېي ئاسىيا» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پوسكام ناھىيەسى چوڭ كۆلەملىك ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىشچىلارنى «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە باي بولىدۇ» دېگەن شوئار ئاستىدا يولغا سالغان ئىكەن. «نىككېي ئاسىيا» نىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتى، BBC نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ پەمىدۇر قىياملىرى» غا ئىتالىيە ماركىسى چاپلىنىپ ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.