ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2-ۋە 3-فېۋرال كۈنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى خىتاي بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايك پومپېيو ئۆزبېكىستاندا 5 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن رايون بىخەرلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلەشكەن. ئارقىدىن ئۇ يەنە ھەربىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشۈپ مۇزاكىرىلەردە بولغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشلاردا مايك پومپىېيونىڭ ئاساسلىق تېمىسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى مەسىلىسى بولغان. ئۇ ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئېھتىياتچان بولۇش، ئۇنىڭ مەبلىغىگە ھەدىدىن زىيادە باغلىنىپ قالماسلىققا چاقىرغان شۇنداقلا خىتاينىڭ تىجارەت ئەخلاقى ۋە قەرز سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بارلىق دۆلەتلەرنى بىزگە ئاۋاز قوشۇپ، زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا خىتايدىن قېچىپ چىققان بۇ مىللەتلەرگە قارىتا بىخەتەر شارائىت ۋە مۇساپىرلىق ھوقۇقى يارىتىپ بېرىشىڭلارنى، ئىنسان غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ، توغرا بولغاننى قىلىشىڭلارنى سورايمىز» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن رىقابەتلەشمەسلىكتەك يول تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينى كۆپلەپ تەنقىد قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.
مايك پومپېيو قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى مۇھىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ئامېرىكا بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ، ئامېرىكىغا تايانغان سودا ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىشەنچلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.